Home > Uyghurche > ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى باياناتى ھەققىدە ئىزاھات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم يۇرتداشلار!

مەن تۆۋەندە، پۈتكۈل مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، مەۋجۇت “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” نى ئىنستىتۇتقا ئايلاندۇرۇش توغرۇلۇق بېرىلگەن باياناتنىڭ ئېنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىدا خاتالىققا يول قويۇلغانلىقىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىقىنى مەن ئەنۋەرجان، ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئۆز ئۈستۈمگە ئالىمەن!

مەلۇم بولغاندەك، مەن 2016- يىل ئىلھام مۇئەللىمنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلب قىلىشنى كۆزدە تۇتقان ئىدىم. شۇنداقلا ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ دۇچ كەلگەن ئاقىۋىتىنى تەرغىپ ۋە تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە ياۋرۇپالىق ئۇيغۇر دوستلىرى سەپداشلىرىمنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئىلھام توختى ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا ئېيتقان سۆزلەرنى تور سەھىپمىزدە نەشىر قىلغان ئىدۇق. بىلىنگەندەك، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئىلھام ئەپەندىمنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، قانۇننىڭ ئادىل ئىجرا قىلىنىشىنى تەرغىپ قىلغىنى سەۋەپلىك خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا كېسىلگەنلىكى ئۈچۈن، ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ھەم خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرى ئۇچۇن ئۆزىنى پىدا قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ قەھرىمانىنى خەلقئارالىق كاتتا مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىدى. دەرھەقىقەت، بۇ مۇكاپاتلار بىلەن بىزنىڭ ھەقلىق داۋايىمىزنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا سازاۋەر بولغانلىغىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر.

بىراق، يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان مىليونلىغان خەلقىمىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان، خەلقىمىز ئومۇمەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ، ئۆز ۋاقتىدا ئىلھام مۇئەللىم ئېيتقاندەك بىرلىكتە ياشىشى ۋە ئاتالمىش ئاپتونومىيە ھوقوقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى بۈگۈنكى رىئاللىققىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ.

مەن بۇنىڭدىن 3 كۈن ئىلگىرى يەنى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى” نىڭ نامىنى “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” غا ئۆزگەرتمەكچى ئىكەنلىكىمىزنى خەلقىمىزگە ئۇقتۇرۇش مەقسىتىدە باياناتنامە ئېلان قىلغان. بۇ ئېلانلارنىڭ ئۇيغۇرچە باياناتىنى يېڭىدىن يېزىپ، ئېنگىلىزچىسىنى بولسا ئەتراپلىق ئويلىشىپ تەييارلىغىچە، كونا تور بېكىتىمىزدە 2016-يىلى نەشىر قىلىنغان ئېنگلىزچە تەييار باياناتىمىزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنىڭ تېمىسىغا ئىسىم ئۆزگەرتكەنلىكىمىز توغرۇلۇق بىر ئابزاسنى قوشقان ۋە بۇ باياناتىنى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئورگان تور بېكىتىدە نەشىر قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، تور باشقۇرغۇچىمىز ۋە ئىنستىتۇتنىڭ كاتىپى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىگە ئەۋەتكەن ئىدىم. ئىنىمىز ئەزىز ماڭا ئىشەنگەنلىكى ئۇچۇن، مەزمۇنىنى سىنچىلاپ تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايلا، بۇ مەتبۇئات بىلدۈرگىنى شۇ پېتىچە تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلغان ئىدى. مانا شۇ ۋەجىدىن، مەن باشتا ئېيتقىنىمدەك، بۇ خاتالىققا مەن تولۇق جاۋابكار ۋە بۇ بايانات سەۋەبىدىن خەلقىمىزدە ناتوغرا چۈشەنچە پەيدا قىلغان بولسام، كۆڭۈلۇڭلارنى رەنجىتكەن بولسام، سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن بۇ خاتالىق ئۇچۇن كەچۈرۈم سورايمەن!

ئىنستىتۇتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتلىرىدىن بىرى ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ بارچە مال-مۈلكى، ئائىلە، بالا-چاقىسى ۋە ھەتتا ئەركىن ھاياتىدىن مەھرۇم بولۇپ، نېمە ئۇچۇن ئۆمۈرلۈك قاماقتا ياتقانلىقىنى ياش ئەۋلادلىرىمىزغا چۈشەندۈرۈش بىلەن بىرگە، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى توغرۇلۇق تەتقىقات بېرىش، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى دەلىل- پاكىتلار ئاساستا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشدۇر.

ئىنستىتۇتىمىز مۇندىن كېيىن ئىلھام توختىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىنداندىن قۇتۇلۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۇچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى تېخىمۇ جان پىداكارلىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.

مەن يەنە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئىنستىتۇتىمىز ئىلھام توختىنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشى ئۇچۇن ۋە ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنىڭ دۇنيا جامائىتى تەرىپىدىن كەڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇچۇن پائال ھەركەت قىلىدىغان بىر ئىلمى، ئاممىۋىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلىي ئورگاندۇر. ئىنستىتۇتىمىز مۇبارەك ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي تەشكىلات ئەمەس. شۇڭا بىز خەلق ئىچىدىكى بىر ئاممىۋىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەردە ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەسمىز.

ئاخىرىدا سۆزۈمنى ئىلھام توختى ئەپەندىگە ۋە ئۇنىڭ ۋەتەندە بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچى ۋە قوللۇغۇچىلىرىغا ئامان -ئېسەنلىك تىلەش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن. ئۇلارنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەركىن دۇنيادا ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋاتقان مېنىڭ ۋە سىزنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بۇرچىدۇر!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەممىڭلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن!

ئەنۋەرجان.
ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى رەئىسى.
30-ئاپېرىل، 2020 – گېرمانىيە

Translate »