Home > Uyghurche > ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خاتا يېزىلغان باياناتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەققىدە چاقىرىق

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى 2020-يىلى 27-ئاپرىل ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش باياناتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2016- يىلى قۇرۇلغان «ئىلھام توختى ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئېنگلىزچە باياناتنىڭ «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» تور بېتىدە قايتىدىن ئېلان قىلىنىش مەسىلىسى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان تەنقىدلەر ئۈچۈن، بۇ باياناتتىنىڭ ئىنستىتۇت تور بېتىگە چاپلاپ قويۇلغانلىقىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تەن ئېلىپ، ئۆز ۋاقتىدا بۇ خاتالىق دەرھال ئۆزگەرتىلدى ۋە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندىم جىددىي يوسۇندا بۇ ئىش ئۈچۈن خەلقىمىزگە چۈشەنچە بەردى ۋە كەچۈرۈم سورىدى. ئەمما مەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن بۇ ئىشنىڭ خاراكتېرى مەقسەتلىك بۇرمىلىنىپ، مۇنازىرە خاتالىقتىن چەتنىگەن ھالدا تۆھمەت تۈسىنى ئېلىشقا ۋە شەخسىيەتكە ھۇجۇم قىلىش ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغاندا، تۈركىيىدە ئەنگە ئالدۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» دىن بېرىلگەن «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باياناتىغا رەددىيە» ناملىق باياناتى تېخىمۇ كۆپ ئۇقۇشماسلىق ۋە تۆھمەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئېچىپلا قالماستىن، قۇتراتقۇلۇق قىلىش، خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى سەۋەبلىك ئېرىشكەن مۇكاپاتىنىڭ خاراكتېرىنى باياناتتىكى ئىلھام توختىنىڭ ئۆز سۆزى بولغان ئىبارىلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش بىلەن بىللە ئۆزگەرتىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئۈستىدىكى خىتاينىڭ تۆھمىتىگە قانۇنىي ئاساس سېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىنىڭمۇ قىممەت ۋە خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بەرگەن باياناتىدا: «يۇقۇرىدىكى ئىپادىلەر ئەسلا ئىلھام توختىنىڭ ئىديەسىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دېيىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىلھام توختى ئىنستىتۇ غا ئوچوق-ئاشكار تۆھمەت چاپلىغان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى، ئىنسان ھەقلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي پائالىيەتلىرىنى، مۇستەقىللىق كۆرۈشىگە ئايلاندۇرۇپ، تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى سەۋەبلىك خىتاي زىنداندا ئۆمۈرلۈك قامىلىشقا مەھكۇم بولغان ئىلھام توختى ئەپەندىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا قايتىدىن ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن قارىلىشىغا ۋە شۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئىلھام ئەپەندىمگە بەرگەن مۇكاپاتلىرىنى تەنقىدلەش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىنى ھەقسىزلاشتۇرۇش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى جەملەنگەن بىر ئىجتىمائىي ۋە ئىملىي تەشكىلات بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىغان يەنى «خىتاي دۆلىتىدە خىتايلار بىلەن ئىناق ۋە باراۋەر ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز» دېيىش ئەسلا ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيىسىگە ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىققا بولغان ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېگەن قاراشلىرى سەۋەبلىك، بۇ ئېنىقكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ باياناتنى ئىلھام توختىنىڭ <دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى> سەۋەبلىك تۈرمىگە قامىلىشىنىڭ “ھەقسىزلىق” ئەمەسلىكىنى جار سېلىشىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋالىرىنى قارىلىشىغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت بولسا، ئىلھام توختىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى تېخىمۇ كۆپ يوقىتىلىشلارغا ئۇچرىشىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

گەرچە «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى» 28-ئاپرىل كۈنى باياناتقا تۈزۈتۈش بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۆز باياناتىدا ئىشلەتكەن «مۇھاجىرەتتىكى كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۆز نامىنى بۇلغۇۋالدى….» دېگەندەك سۆز -ئىبارىلەرنى ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئەسلا قوبۇل قىلمايدۇ، كەسكىن رەت قىلىدۇ ۋە بۇ خاتالىقىنى دەرھال ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە چاقىرىدۇ.

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى يەنە شۇنى تەكىتلەيدۇكى، 2016-يىلى ئىلھام توختى ھەرىكىتى تور بېتىگە قويۇلغان بۇ ئېنگلىزچە باياناتنىڭ ئەينى دەۋر ۋە ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، غەرب قىممەت قاراشلىرى نۇقتىسىدىن ئەقىل ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولغان ئىلھام توختىنىڭ ئەينەن سۆزى نەقىل قىلىنغان باياناتدۇر. ئەگەر باياناتقا باشقىچە پىكىر بولغىنىدا نېمە ئۇچۇن 2016-يىلى ئىلھام توختى ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندا ئىنكاس بىلدۈرەلمەي، ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەن ۋە ئىلھام توختى پۈتۇن غەرب دۇنياسىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھىمايىسىگە ئايلانغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاۋاتقان مۇشۇنداق ھەلقىلغۇچ ۋاقىتتا، ئىلھام توختىنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىگە ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان مۇشۇنداق بىر بايانات ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن بېرىلىدۇ؟! ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدەك مۇشۇنداق ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئاكادېمىكلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ئورگاننىڭ بۇ خىل يولسىزلىق بىلەن قىلغان تەنقىدىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بۇ قىلمىشى بىز قوبۇل قىلالماسلىقلا ئەمەس، ئىلھام توختى ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان كېيىنكى خەلقئارالىق ھەرىكەتلەر ئۈچۈنمۇ، ئۇنىڭ ھايات- ماماتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن چوڭ خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بىزنى قاتتىق ئەندىشگە سالىدۇ.

شۇ ۋەجىدىن، «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» بەرگەن ناتوغرا باياناتىنى- ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپىئەتىنى نەزەردە تۇتۇپ، دەرھال قايتۇرۋېلىشىنى ۋە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تو بېتىدە ئېلان قىلىشىنى «ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئىدارە ھەيئىتى» جىددى تەلەپ قىلىدۇ.

بىز، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن- بىزنىڭ بۇ تەلىپىمىزنى بۈگۈندىن باشلاپ ئالدىمىزدىكى ئۈچ كۈن مۆھلەت ئىچىدە ئىجرا قىلىشىنى سەمىمىيەت بىلەن كۈتىمىز. ئەگەر مۆھلەت ئىچىدە ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» دىن كۈتكەن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىسە، تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن دائىرىلىرى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى قانۇنىي يوسۇندا ھەل قىلىش قەدىمىنى باشلايمىز. 

ھۆرمەت بىلەن:

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئىدارە ھەيئىتى

2020-يىلى 5-ماي

Translate »