Home > Uyghurche > ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىنىستىتۇتىمىز ئۈستىدىكى رەددىيە باياناتىنى تور بېتىدىن ئۆچۈرۋەتكەنلىكى ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار!

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى 2020-يىلى 27-ئاپرىل ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇش باياناتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەددىيە باياناتى ئېلان قىلغان ئىدى. بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراپ، بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ مەسىلىسى ھەلقىلغۇچلۇق بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ مۇشۇنداق بىر باياناتىنىڭ ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرى، ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە كېلەچەكتىكى ئىلھام توختى ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن بىرلىكتە، خەلقىمىز ئىچىدە ئىنستىتۇتىمىزغا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىز ناتوغرا دەپ قارىغان مەزكۇر باياناتىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ۋە بۇ ھەقتە خەلقىمىزگە چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خاتا يېزىلغان باياناتىنى قايتۇرۇۋېلىشى ھەققىدە چاقىرىق: www.ilhamtohtiinstitute.org/?p=596)

بىزگە مەلۇم بولدىكى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆزىنىڭ تور بېتىدىن “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ باياناتىغا رەددىيە” ناملىق باياناتىنى ئېلىپ تاشلاپتۇ. ئاكادېمىيەنىڭ بۇ ئىجابىي قەدىمدىن مەمنۇنمىز.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر مىللىتى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئومۇمىيۇزلۇك مەدەنىيەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا ئۇچراۋاتقان مۇشۇنداق تراگېدىيىلىك كۈنلەردە، بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارا ئىناق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، پۈتۈن كۇچ ۋە زېھنىمىزنى ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتتە خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلشەتۇرۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغانلىقىمىز سەۋەبلىك بۇ ھەقتىكى قانۇنىي جاۋابكارلىق مەسىلىلىرىنى سۈرۈشتە قىلىش قەدىمىمىزنى توختىتىشنى قارار قىلدۇق.

مانا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلىرىمىزغا بۇ ئەھۋالنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ قويۇشنى زۆرۈر دەپ قارايمىز، ۋاقىپ بولغايسىلەر.

ھۆرمەت بىلەن:
ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى ئىدارە ھەيئىتى

2020-يىلى 10-ماي

Translate »