Home > Dialog and Advocacy > Conference & Webinar > ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتى تور سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار،

بۈگۈن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋىجدانى، پىداكار ئوغلانى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ئۆمۈرلۇك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا 6 يىل بولغان كۈن. بۇ كۈن ھەم ئۇيغۇر مىللىتنىڭ ھاياتى قارا زۇلمەتكە تولغان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۇكسەك پەللىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 6 يىلدۇر. 

ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتىمىز مۇشۇ كۈن مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن ئېنگىلىز، گېرمان، تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق توت خىل تىلدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىلھام توختى ئەپەندىم ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ، دۇنيانى بۇ زۇلۇمنى توختىتىشقا ئەمەلىي ۋە جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىدۇ!

بۇ قېتىملىق تور سۆھبەت يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھارقايسى ئەللىرىدىن مۇتىخەسىس، ئالىملار، كىشىلىك ھوقوق ئاكتىپلىرى، سىياسىئونلار ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 20 دىن ئارتۇق قىممەتلىك مېھمانلار سۆھبەت  بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.

تور سۆھبەت يىغىنى داۋامىدا ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق – ھوقوقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ئىزدەنىشلىرى ۋە بارلىق ئىش – پائالىيەتلىرى، شۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، ئېرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئىمكانىيەتلىرى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر ئۇستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

ئۇشبۇ مەقسەت بىلەن ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتى بارلىق ۋەتەنداشلارنى مەزكۇر تور سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. 

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، يىللاردىن بۇيان خىزمەتلىرىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان ۋەتەنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىمىز. جۈملىدىن بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزغا قاتنىشىدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، ئۇشبۇ تور سۆھبەت يىغىنىنى ھازىرلاشتا خالىس ياردەمدە بولغان پىداكارلىرىمىزغا ئىنىستىتۇتىمىز نامىدىن سەمىمىي مىننەتدارلىغىمىزنى بىلدۇرىمىز. 

سىزنى ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتىنىڭ تور سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلپ قىلىمىز:

Please join us via ZOOM:
https://us02web.zoom.us/webinar/register/WN_dTYRWFljQkKyu4jrzonuKw
Webinar ID: 861 2636 8151

ھۆرمەت بىلەن، 

ئىلھام توختى ئىنىستىتۇتى

Translate »