Home > Media and News > Latest News > تۈرك پروفېسسورلار ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىلدى

26-ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۈركىيە پايىتەختى ئەنقەرەدە «كىشىلىك ھوقۇق جەڭچىسى ئىلھام توختى ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، ھازىر خىتايدا ئۆمۈرلۈك قاماقتا يېتىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى شەرىپىگە بېغىشلانغان.

يىغىندا «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان ئەپەندى تۈرك پروفېسسورلارنى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىردى.

يىغىنغا تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، تۈركىيەدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپى شەۋكەت ناسىر رىياسەتچىلىك قىلغان يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئورۇنداش بىلەن باشلاندى.

ئارقىدىن ئەنۋەر جان ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. دۇنيادىكى مىڭلىغان ئىلىم ئادەملىرى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۆپ ساندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، شۇنداقلا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىقلار ئېلان قىلدى.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «‹ئىلھام توختىنى قوللاش› گۇرۇپپىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتكەن 7 يىل ئىچىدە دۇنياۋىي تىنچلىق، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا بېرىلىدىغان ئوندىن كۆپ مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. بۇ مۇكاپاتلاردىن ياۋروپادا بېرىلگەن ئۈچ مۇكاپاتنى ئىلھام توختى تۇرمىدە بولغاچقا ئۇنىڭ نامىدىن مەن بېرىپ تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇ كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە ‹نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى› غا نامزات كۆرسىتىلدى.»

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى پروفېسسورلارنى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىپ، مۇنۇلارنى دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيەنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتلەردە بولدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە ئەنئەنىۋىي جەھەتتىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بۇ مۇكاپاتلار پەقەتلا ئىنسانپەرۋەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ بېرىلگەن. بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ پىداكار ئەۋلادى ئىلھام توختىنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلار ئىچىدە تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، قانۇنچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئەنۋەر جان «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىشنىڭ زامانى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دېدى: «2022-يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش، تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ مۇددىتى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن. تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىلھام توختىنى ‹نوبېل تىنچلىق› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشىنى يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىمەن.»

ئارقىدىن «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى مەمەت ئۆز ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالى كېسەر ئەپەندى، «يېڭىدىن رەھاف» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوغان بېكىن ئەپەندى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا مەسئۇل خادىمى بولغان بېرىل گۈمۈش خانىملار سۆز قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇندىن كېيىن مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى فەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى سۆز قىلىپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ 52 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە ئىلھام توختى تەۋەللۇتىنىڭ 52 يىللىقى مۇناسىۋىتى بۇ يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئېچىشتىكى مەقسىتىنىڭ كېلەر يىلى ئىلھام توختىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىش خىزمەتلىرىگە تەييارلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادشۇناس ئىلھام توختى 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئىزمىردىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ سىياسىي غايىسى ۋە كۆز قاراشلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندا بەرگەن دوكلاتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

ئىلھام توختى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيانقى 7 يىل ئىچىدە «ساخاروف مۇكاپاتى»، «مارتېن ئاننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋېيمار ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۇلاردىن سىرت ئۇ يەنە ئۇدا ئىككى قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.


مەنبەئىسى: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ilham-tohti-10272021134327.html

Translate »