Home > Ilham Tohti Archives > Awards & Honor > ئىتاليەدىكى «ھەققانىيەت باغچىسى» غا ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان تاش ئابىدە تىكلەنگەن
ئىتاليەدىكى «ھەققانىيەت باغچىسى» غا ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان تاش ئابىدە تىكلەنگەن
ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى «ھەققانىيەت باغچىسى» غا كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان بىر تاش ئابىدە ئورنىتىلدى. 2022-يىلى 3-مارت.

ئىتاليەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى «ھەققانىيەت باغچىسى» غا، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان بىر تاش تاش ئابىدە ئورنىتىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر باغچىدا چوڭ خەلقئارالىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا «ھەققانىيەت باغچىسى» ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى گابرىئېلې نىسسىم ئەپەندى ۋە مىلان شەھىرىنىڭ باشلىقى بەپپە سالا ئەپەندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپىمۇ ئىشتىراك قىلغان. مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلغان. مۇراسىم نەق مەيداندىن تېلېۋىزىيەلەر ئارقىلىق تارقىتىلغان.

ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى «ھەققانىيەت باغچىسى» غا كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان بىر تاش ئابىدە ئورنىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-مارت
ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىكى «ھەققانىيەت باغچىسى» غا كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشچىسى ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان بىر تاش ئابىدە ئورنىتىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 3-مارت

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2012-يىلى ئالغان بىر قارارى بار ئىكەن. بۇ قاراردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ‹ھەققانىيەت باغچىسى› بەرپا قىلىش كۆرسىتىلگەن ئىكەن. بۇ قارارغا ئاساسەن ھازىرغىچە دۇنيانىڭ 150 شەھىرىدە ‹ھەققانىيەت باغچىسى› نامىدا باغچىلار قۇرۇلغان ئىكەن. ياۋروپا پارلامېنتى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىنى ‹ھەققانىيەت باغچىسى كۈنى› دەپ ئېلان قىلغان ئىكەن. ئۇ كۈن ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا، پائالىيەت 3-چىسلا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلار ئىتالىيەلىك سىياسەتچىلەر ئىكەن. بۇ باغچىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت دۇنيادا ھەقىقەتنى سۆزلىگەن، ھەققانىيەتنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىلەرنى خاتىرىلەش، ئۇلارنىڭ شەرىپىگە باغچىلارغا ئۇلارنىڭ خاتىرە تاشلىرىنى ئورنىتىش ئىكەن. شۇڭا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىتاليەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ‹ھەققانىيەت باغچىسى› تەشكىلاتى بىلەن مىلان شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن. بۇ پائالىيەتكە مېنىمۇ تەكلىپ قىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 نەپەر كىشىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان تاش ئابىدىلەر مىلان شەھىرىدىكى ‹ھەققانىيەت باغچىسى› غا ئورنىتىلدى.»

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىتاليەنىڭ مىلان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا 1948-يىلى خەلقئارالىق «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» نى يازغان پولشالىق رافائېل لەمكىن ئەپەندى، يەھۇدىي ئىرقىي قىرغىنچلىقى مەزگىلىدە يەھۇدىلارنىڭ فرانسىيەدىن قېچىشىغا ياردەم قىلغان پورتاگالىيەنىڭ ئەينى زاماندىكى فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارىستىدەس دې-سوئۇسا مەندەس، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈر بويى قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىلھام توختىغا ئوخشاش 6 كىشىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان تاش ئابىدىلەر «ھەققانىيەت باغچىسى» غا ئورنىتىلغان.

بىز دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن «مىلاندىكى ‹ھەققانىيەت باغچىسى› نىڭ ئىچىگە ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان تاش ئابىدىنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟» دەپ سورغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش. چۈنكى بۇ قېتىم نامى تاش ئابىدىگە ئويۇلغان 6 كىشىگە قارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ كۆپى بۇرۇن يۈز بەرگەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› لارنى توختىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىلارنىڭ خاتىرجەم باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان سىياسەتچىلەر، دىپلوماتلار، ئەلچىلەر ۋە شۇنداقلا 1948-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى› نى يازغان لەمكىنگە ئوخشاش مۇھىم كىشىلەر ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلھام توختىنىڭ ئىسمىنىڭمۇ بولۇشى، خەلقئارادا ‹ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى› نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسەتمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش. شۇڭا بۇنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتى ناھايىتى زور. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نىڭ سىياسەتچىلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.»

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا مىلاننىڭ «ھەققانىيەت باغچىسى» دىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 3-مارت كۈنى چۈشتىن كېيىن مەزكۇر مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگەن مەلۇمات بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان «ھەققانىيەت باغچىسى» غا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان تاش ئابىدىنىڭ ئورنىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.


Source: RFA
URL: https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/italiyede-uyghur-mesilisi-03042022131121.html

Translate »