Home > Media and News > Events > چېخ كېڭەش پالاتاسىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچلىقى گۇۋاھلىق يىغىنى تەييارلىقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز يۇرتداشلار،

16-مارت كۈنى ئىلھام توختىنى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ تەشەببۇسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە  ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەرنىڭ ھەم قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار گۇرۇپپىسى پراگدا چېخ جۇمھۇرىيىتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەناتور جىرى ئوبەرفالزەر ئەپەندى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

بىر سائەتتىن ئۇزۇن داۋاملاشقان بۇ ئۇچۇرۇشۇشتا، ئوبەرفالزەر ئەپەندىم ئارقىلىق يەنە بىر قەتىم خەلقىمىز نامىدىن چېخ خەلقىگە، ئىلھام مۇئەللىمنى 2019-يىلى ۋاسلېۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقوق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگىنى ئۇچۇن رەھمەت ئەيتتىم ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىغىمىزنى تەقدىم قىلدىم.

سەناتور ئوبەرفالزەر ئەپەندىمدىن، باشقا بىر قاتار تەكلىپلەر بىلەن قاتاردا، خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ خەلقىمىزگە قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىغىگە باغلىنىشلىق مەۋزۇدا، چېخ كېڭەش پالاتاسىدا ئومومىي گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدىم. بۇ تەكلىپ، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان چېخ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى  دوكتۇر ئوندرەج كلىمەس ئەپەندى ۋە سىنوپسىس، دەپ ئاتالغان چېخ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋەكىلى كاتەرىنا پروچازكوۋا خانىم بىلەن ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان تەييارلىگەرلىك قىلىۋاتقان مۇشتەرەك پروجەكتىمىزگە ئاساسلىنىدۇ!

 ئوبەرفالزەر ئەپەندىم، بولىدۇ، ئالدىمىزدىكى كۈز ئايلىرىغا تەييارگەرلىك قىلىلايلى، دەپ جاۋاپ بەردى. سەناتور ئوبەرفالزەر ئەپەندىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە  دوكتۇر ئوندرەج كلىمەس ئەپەندىم بىزگە ۋەكىل سۈپىتىدە بۇ يىغىنىڭ تەييارگەرلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بولدى. ئىنشااللاھ، خەلقىمىزگە خەيرلىك بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن:

ئەنۋەر جان

2023-يىلى 17-مارت، ميۇنخېن گېرمانىيە.

Translate »